
作词 : Azizzhan Azatov
作曲 : Azizzhan Azatov/Sixty
编曲 : Azizzhan Azatov
كۆرسەم ۋەسلىڭنى يار
بىھوش مەن بىئارام
يالغۇز سەنمۇ ئەگەر
تەنھا بولساڭ
ھىجران جۈپتى ۋىسال
ئاڭا كۈن-تۈن مىسال
بۇلبۇل گويادۇرمەن
سەن گۈل بولساڭ
كۆكلەم ئۆتەر كېتەر
بەرگىن بەرگىدىن خەۋەر
شەبنەم گۈل ھۆسنىدىن
كەتمەي سەھەر
ئاتەش ئوتى ياندى
كىمدىن سوراي سېنى
ئارامىجانىم سەن
بەرگىن خەۋەر
كەلدى كۆرۈنەر باھار
گۈزەل ئەزىز نىگار
ۋىسال ئىزدەپ بولدۇم
مەن ئىنتىزار
كۆڭلۈڭ گويا چىمەن
قەلبىڭ مىسلى گۈلزار
ئىشقىمنىڭ بېغىدا
سەن ھۆكۈمدار
كۆكلەم ئۆتەر كېتەر
بەرگىن بەرگىن خەۋەر
شەبنەم گۈل ھۆسنىدىن
كەتمەي سەھەر
ئاتەش ئوتى ياندى
كىمدىن سوراي سېنى
ئارامىجانىم سەن
بەرگىن خەۋەر