تەھرىرلىگۈچى: مەردان تۇرغۇن
سەنمۇ ئۆستەڭ بويىدا
مەنمۇ ئۆستەڭ بويىدا
ئۇيقۇ قاچتى كۆزۈمدىن
يارىم سېنىڭ ئويۇڭدا
ئالا كۆز جان ئالا كۆز
جېنىمنى ئالدىڭ جەرەن كۆز
ئاق كەپتەرگە دان بەردىم
كۆك كەپتەرگە دان بەردىم
ئىشقى ئۇتۇڭ بەك يامان
يار ئوتۇڭغا تەن بەردىم
كاككۇك كەتسە كېلەمدۇ
بۇلبۇل كەتسە كېلەمدۇ
كۆيۈپ كۆيۈپ كۈل بولدۇم
كۆيگەننى يار بېلەمدۇ