编曲 : Merdan Eli
سۆيگۈنۈم سەندۇر ئەي گۈزەل قىزچاق
مىنىڭ يېنىمغا يەنە كىلەمسەن
كۆيدۈم مەن ساڭا كۆيدۈم يار ساڭا
كۆيگۈنۈمنى يار سەنمۇ بىلەمسەن
ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەلسەم قېشىڭغا
مىنى تاشلىدىڭ كەچتىم دىمەمسەن
ئىشقى ئوتۇڭدا ئۆلسەم سەن ئۈچۈن
بىر يۈرەكتىن يار مىنى ئەسلەمسەن
سىنىڭ يولۇڭغا ئەي گۈزەل قىزچاق
قۇربان قىلايمەن ئەزىز جېنىمنى
ئەگەر جۇدا بولسام سەن گۈزەلىمدىن
ئەسلەپ قويامسەن ياشلىق چېغىمنى