
ئورۇنلىغۇچى: دىيار
ئايدىڭ كېچىلەر گۈل باغلار ئارا
سايرايدۇ بۇلبۇل خوش ناۋا بىلەن
ئايدىڭ كېچىلەر گۈل باغلار ئارا
سايرايدۇ بۇلبۇل خوش ناۋا بىلەن
مەنمۇ ئەسلەيمەن ، ئىشچان يارىمنى
سالام يوللايمەن شوخ سابا بىلەن
مەنمۇ ئەسلەيمەن ، ئىشچان يارىمنى
سالام يوللايمەن شوخ سابا بىلەن
مۇزىكا
ئايدىڭ كېچىلەر بوستانلار ئارا
ئىشچان ، يار بىلەن يۈرگۈم كېلىدۇ
ئايدىڭ كېچىلەر بوستانلار ئارا
ئىشچان ، يار بىلەن يۈرگۈم كېلىدۇ
گۈلشەن ھۆسنىگە ھۆسىن قوندۇرۇپ
ھايات پەيزىنى سۈرگۈم كېلىدۇ
گۈلشەن ھۆسنىگە ھۆسىن قوندۇرۇپ
ھايات پەيزىنى سۈرگۈم كېلىدۇ
مۇزىكا
غۇنچە بويۇڭنى كۆرگۈم كېلىدۇ
ئانار يۈزۈڭگە سۆيگۈم كېلىدۇ
غۇنچە بويۇڭنى كۆرگۈم كېلىدۇ
ئانار يۈزۈڭگە سۆيگۈم كېلىدۇ
باغنىڭ ئىچىدە گۈل دەستە تىزىپ
دوستلارغا گۈللەر سۇنغۇم كېلىدۇ
گۈلشەن ئىچىدە گۈل دەستە تىزىپ
دوستلارغا گۈللەر سۇنغۇم كېلىدۇ
دوستلارغا گۈللەر سۇنغۇم كېلىدۇ