يىقىلغاندا يۆلىدى كىملەر
روناھ تاپسام ئىزلىدى كىملەر
نەپ تەگمىسە سېنىڭدىن قېچىپ
كىم ئەسلىدى چاندۇردى كىملەر
يامان گېپىڭ بولغان سورۇندىن
قوپۇپ كەتكەن دوسلۇرۇڭ كىملەر
ئالدىڭدا بىر كەينىڭدە بىر خىل
غەيۋەت قىلغان دوسلۇرۇڭ كىملەر
كورنى تاردا قىستىدى كىملەر
يامان كۈندە ئىزدىدى كىملەر
زورلاپ بىرنى كۈلگەن چېغىڭدا
ياراڭغا تۇز سەپكىنى كىملەر
قۇدۇقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ
ئۇنتۇپ كەتكەن تۇغقىنىڭ كىملەر
مال دۇنيانىڭ مېھرىدىن كېچىپ
تۇغقانلىقنى ئۇققىنى كىملەر