
مېنى ھەر قېتىم يادىڭغا ئالساڭ
كۆز ياشلىرىڭنى توختىتالمايسەن
بۇ ھاياتىڭدا شۇنى بىلىپ قال
ھېچكىمنى ماڭا ئوخشىتالمايسەن
مېنى يۇقاتقان كۈنىڭدىن كىيىن
ئېچىلىپ تۇرۇپ كۈلمىكىڭ قىيىن
ئەتراپىڭدا كۆپ ئادەملەر لېكىن
ھېچكىمنى ماڭا ئوخشىتالمايسەن
سېغىنمىدىم دەپ ديسەن تىلىڭدا
مەن بار ۋە لىكىن خىياللىرىڭدا
بىر ئازاپ باردۇر مىسكىن دىلىڭدا
ھېچكىمنى ماڭا ئوخشىتالمايسەن
چۈشلىرىڭدىمەن كۆزۈڭنى يۇمساڭ
بىراق چۈشۈڭدىن يوق مەن ئويغانساڭ
كۆڭلۈڭنى ياتقا بەرمەكچى بولساڭ
ھېچكىمنى ماڭا ئوخشىتالمايسەن