
作词 : Abdiwaki-Turdiahmat
作曲 : Abdiwaki-Turdiahmat
编曲 : Abdiwaki-Turdiahmat
ناخشا ئىسمى : دوس بىدىنەم (دۇتتار داپ)
ناخشىدا : ئابدىۋاقى تۇردەخمەت
تىكىستى / مۇزىكىسى : خەلىقنىڭ
ئاكورتلاشتۇرغۇچى : ئابدىۋاقى تۇردەخمەت
جېرىمى سالدىم قاتايلا
ئۆچكىمۇ كېلىپ غاجايلا
كالتەك بىلەن بىر سالسام
پىلدىر پىلدىر قاچتى ئەينا
ئەمدىمۇ قانداق قىلغۇلۇق
بىزگىمۇ شۇنداق ئىرادە
بىردەم ئولتۇرۇڭ جۇۋان
قىزىل گۈلدىن زىيادە
قىزىل گۈل ئاچىلغۇچە
سېرىق سەنبە ، قىسقاچ تۇسىلا
بىز داۋاندىن كەلگۈچە
بىزنى ياد ئەتكەچ تۇرسىلا
ئوبدان خوتۇننى ، ئالساڭ
ئۆيگە ئالۇر ئەلگەك كاساڭ
ئەسكى خوتۇننى ئالساڭ
قاش كۆزىگە راسا سالساڭ
يۇلغۇن چېچىكى سايدا
تاز خوتۇنغا ئە قايدا
خوتۇن ، ئالساڭ تازنى ئال
تاغاق سۈزگۈچكە پايدا
ھېيىتما تازنىڭ خالتىسىدىن
مەزلۇم كىشىنىڭ كالتىسىدىن
شولاق يەرنىڭ تېگىنىدىن
مەزلۇم كىشىنىڭ كۈلگىنىدىن
ئاچچىق ئۆرۈكنىڭ ئاچىسىدىن
مەزلۇم كىشىنىڭ گاچىسىدىن
ئاق تامنىڭ چالمىسىدىن
خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسىدىن
يېغىر ئىشەكنىڭ توغرىسىتىن
خوتۇن كىشىنىڭ ئوغرىسىدىن
ھەزەر ئەيلەڭ ھەر دائىم
ھەزەر ئەيلەڭ ھەر دائىم
ئوغۇللارغا كۆڭلۈم دەپ
گۈلنى ئۈزگەن چوكانلا
نەزەر سالماي ئوغۇللا
قاراپ قالغان چوكانلا
قىيا بويىغا ئوسما تېرىسام
قىيا بويى كەلدى دوست بىنەم
دوغا بېگىمنىڭ ئوغرى قىزى
يۇنداپ قاچتى دوست بىدىنەم
ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ
قاراقاشتا يەتتىم دوست بىدىنەم
ساچىدىن ئولغاپ تۇتۇپ
جۈنىگە تەپتىم دوست بىدىنەم
ناخشا چىقارغۇچى : قېيۇم توختى