
作曲 : Dilxat Tursun
编曲 : Imron Yusup
كۈلكىسى ئىلىقكەن دېسە،
كۆڭلى-كۆكسى كەڭرىكەن دەپ قوي
گەپ سۆز قىلماي يۈرۈيدۇ دېسە،
يول قويۇشنى بىلىدۇ دەپ قوي
ماڭا يېتىشەلمەس ئۇ دېسە
كۆك قەرىدە ئۇچۇپتۇ دەپ قوي،
ھەسەتلەردىن مۇستەسنا كۆڭلى،
ساڭا ئورۇن بېرىپتۇ دەپ قوي!!
ھالىغا باقماي غادايدى دېسە
بېشىدىن ئۆتكەن تولىكەن دەپ قوي،
خۇشامەتكە رايى يوق ئەسلا،
كۆڭلى بايغا ساھىپخان دەپ قوي!
مۇھتاجلىقتىن ئېگىلدى دېسە، ...
چىنار ئىدى سۇنمايدۇ دەپ قوي، ..
يىقىتالماس دەردۇ ھەسرەتلەر
مىھىر بىلەن ياشايدۇ دەپ قۇي