
作曲 : EmRan-BaTur
编曲 : Muradel Abdusalam
نازۇك ناھال قىزكىنە،
ئاي يۈزلۈك ، ئاي يۈزكىنە.
قەندەك شېرىن سۆزكىنە،
دەرتلىرىمگە دەۋادۇر .
يار بىگانە ئەيلىمە،
دىۋانىلەر ئەيلىمە.
سۆيمەيمەن دەپ ئالدىما،
يۈرەك باغرىم يارادۇر .
يارا ـ يارا ـ يارادۇر،
يۈرەك باغرىم يارادۇر .
سۆيگەن يارىم كەتسەڭ ئەگەر،
مېنىڭ بەختىم قارادۇر .
نازلىرىڭ جانىمدىن ئۆتتى،
باشقىسى يېتەر ھاي ـ ھاي .
ئازارلىرىڭ دىللەرىمنى،
ۋەيران ئېتەر ۋاي ـ ۋاي.
باشقىسى يېتەر ھاي ـ ھاي،
ۋەيران ئېتەر ۋاي ۋاي .
سۆيمەسلىكىڭ يارى ـ يا !
باشلىرىمگە بالادۇر .
قايتارما :
يارا ـ يارا، يارادۇر،
يۈرەك باغرىم يارادۇر .
سۆيگەن يارىم كەتسەڭ ئەگەر،
مېنىڭ بەختىم قارادۇر .