
دادەي
كۇچا خەلق ئۇسسۇللۇق چاتما كۈيلىرى
سېنىڭ جېنىڭ، مېنىڭ جېنىم
بىر جان ئەمەسمۇ.
سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جېنىم
قۇربان ئەمەسمۇ
ئۇيان ئۆتۈپ، بۇيان ئۆتۈپ
ئالاي كۆڭلۈڭنى
قىزىل گۈلنىڭ غۇنچەسىدەك
ئىگەي بوينۇڭنى
ئاشنام بۇدۇڭتەي.
چىقسۇن چىنارغا.
ئالسۇن ماباڭنى.
سالسۇن پاچاققا.
يارىم ئوينايدۇ.
ياۋاغ داۋزىسىدا.
كۆرگىلى بولمايدىكەن.
شاخنىڭ دالدىسىدا.
شېرىنجان، جاننى ئالاملا.
قارا كۆز لىۋەن يالا.
ئالتە شەھەرگە داڭ كەتتى.
بۇ يىل كارىزنىڭ سەيلىسى
قىززىپ كەتتى ھەر ياندا.
ياش بالىلارنىڭ نەغمىسى
كارىز يولى ئوي شۇنچە
ئەتراپلىرى گۈل- غۇنچە.
قاش بويلاپ، راسا ئويناپ.
دەريالار چاچار ئۈنچە.
ئالتۇن بالىخان مادارىم يوق.
سېنىڭدىن باشقا يارىم يوق.
ئالمىنى ئاتتىم ئاتكەڭگە
مەپتۇن بولدۇم كۈلكەڭگە.
ئەرزىڭ بولسا ئېيت يارىم.
سېنىڭ ھالىڭگە يەتكەنگە
ئانارلىق باغنىڭ سايىسىدا
كارىز سۈيى ئاقادۇ
لىۋەن يارنىڭ كۆڭلىگە
كارىزچى بالىلار ياقادۇ
جامالىڭغا ئىشەنمە.
يارىڭ خاپا بولادۇ.
چىللاڭ خوراز، چىللاڭ تۇخام
يارىم ئويغانسۇن.
دۇتار چېلىپ، مۇقام ئېيتاي.
چۆچۈپ ئويغانسۇن.
ئارا يىراق كۆرۈشۈشكە
ئەمدى تەس بولدى
يىراقتىكى يارنىڭ ئوتى.
ئەمدى پەس بولدى.
ئۆرگىلىمەن- چۆرگىلىمەن.
كۆرۈشەرمىز يار بىلەن.
يىراقتىكى يارنىڭ ئوتى
ئەمدى پەس بولدى.
چېچىم مېنىڭ ئۈچ ئۆرۈم
ۋاقتىدا تارالمايمەن
ئارىمىز يىراق بولغاچ
ۋاقتىدا بارالمايمەن
ئىلىچى تۇماغىمنى.
قىستۇرۇپ بۇزىۋەتمە.
بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالەم.
ئۈمىدنى ئۈزۈۋەتمە
گۈل تۈۋىدە ئولتۇرسام
گۈلى يوقمىكىن دەمسەن.
خىيال سۈرۈپ ئولتۇرسام
يارى يوقمىكىن دەمسەن؟
بېغىڭغا كىرەي دەيمەن.
شۇرا بولمىسۇن دەيمەن؟
ئايرىلىپ كېتەي دەيمەن.
ئۇۋال بولمىسۇن دەيمەن؟
چىمەن چىمەندە گۈل دادەي.
ئازادە بارغىم
سۆسەي تۇماق كىيگەنلەر.
سەتەڭنى تاللاپ سۆيگەنلەر.
ئايدا- يىلدا كېلىپ قويۇپ.
يۈرەك- باغرىمنى ئەزگەنلەر.
ئەي، ۋاي ئويناڭ ئازادە.