作词 : ali nawa
作曲 : ali nawa
编曲 : ali nawa
ھاياتقا مۇھەببەت
تىكەندىن ئاغرىنمىدىم
دەسسىگەن ئۆزۈم بولغاچ
بۇ ھايات ئىغىر بىلىنمەس
ياشىۋالغىنم قالغاچ
خەخ دىسە ھەر نەرسە دەر
چۈمپۈتمەيمەن چۈنكى مەن
قاينىغان يەتمىش قازاندا
پىشتى بۇ روھ بىلەن تەن
باغلىدىم قەلبىمنى ئاتەش
سۆيگۈ ئىشقى ئوتىغا
قالمىسۇن قەلبىمنى دەپ
بۇ ھاياتنىڭ جۇتىغا
ياشىدىم مەردانلەر بوپ
ئازمىدىم ھەم قىلچىلىك
تاۋلىدى تۇرمۇش مېنى
پىشتىم ھاياتتا شۇنچىلىك