
编曲 : Askar Muhtar
ئاتام مىنى دوسىت
ئانام مىنى جان يارەي ۋاي
ۋاي بالام دىمەسۇن
يايرىم قونغان دوسىت شۇ كويلارنى
جان يارەي يامان دىمەسۇن
لاڭۋۇر يولى پەيزىۋات
ئىچكەن سۇلىرى قەن ناۋات
يارىم بىلەن بىر بولسام
چۆلنى قىلىمىز بىز ئاۋات
ئاقىدۇ دەريالىرى سۈلىرى سۈزۈك
تاغلىرىدا تاماشا ئىشلار تۈزۈك
قارلىغاچقلار ئۇۋۇلاپتۇ
پىشايۋاندا ئۇز پەرماندا
قاچانغىچە يۇرەمىز
كۆيەك ئوتى ئارماندا
ئەتتىگەندە كۆلچەكتە
مۇز توڭلاپتۇ ئەينەكتەك
قاچانغىچە يۈرەمىز كاككۇك بىلەن
دوسىت زەينەپتەك
كۇن چىقىشتىن ئۇز كۈن چىقتى
كۇنگە كۇندە قارايمەن
سەن يارىمنىڭ ئىشقىدا
بۇلبۇل بۇلۇپ سايرايمەن
يۇرەكىمدە گەپ تولا
شۇڭا ناخشا ئۇقۇيمەن
يۇزلۇكۇمما ياقۇت كۆز
يايرىم ئىيتۇر شىرىن سۆز
نىمە دەسە دەۋەرسۇن
ئايرىلمايلى قارا كۆز
باغنىڭ بىرى ئاق ئالما
ئالمامغا نەزەر سالما
سەن ئۇزەڭنى چوڭ تۇتۇپ بالا
مەندىن ئايرىلىپ قالما
سىنىڭ يارىڭ ئوبدانمۇ
مىنىڭ يارىم ئوبدانمۇ
سەن ئوينىساڭ ھىچ گەپ يوق
مەن ئوينىسام يامانمۇ
ئالتە ئاي باقتىم قۇيۇڭنى
كۆرسەتمەدىڭ بۇيۇڭنى
كۆرسەتمىسەڭ كۆرسەتمە
ئوغرى يىسۇن قۇيۇڭنى
كۆرسەتمىسەڭ كۆرسەتمە
بۆرە يىسۇن قۇيۇڭنى
ئىلچى بازارى رەستە
كوچىسى يالاڭ پەستە
كىلىڭا يارىم ئوينايلى
ئالتۇن ئەل خالايىق بىلمەستە
كىلىڭا جىنىم ئوينايلى
ئەل خالايىق بىلمەستە
يايرىم دوسىت كۆينەك كىيپتۇ
ۋاي باسىلا كەلسە ئوينايلى
ئەل خالايىق بىلمەستە
ئىلىغا چىقىپ كەتتى
يول بىلمەيدىغان باللا
سودىسنى قىلالامۇ
كوچاغا بامىغان باللا
كوچا يولىدا كارۋان
گۇليارىمگە دەرت
شۇ يارىمنى تاپمىسام
كۆڭلۈمدە قالۇر ئارمان
كوچارىڭغا كەلدىم مەن
گۈلزاراڭزا تەرگىلى
سىنىڭدەك شوخ نىگارمغا
ئىز زىلچامنى بەگىلى
مەن باغىڭغا كىرمەيمەن
ئانارىڭنى ئۈزمەيمەن
ئەمدى كەلدىم ئەقلىمگە
نادان بىلەن دوسىت يۈرمەيمەن
ۋاي گۈللالا
گۈل ئەللا لىۋەن يالا
ئىككى قالاپ جاننى ئاللا
گۈل ئەللا