
作曲 : Karkax
سەن كۆڭلۈمگە كىرگەندىن بېرى
يۈرىكىمدە كۆيىدۇ بىر چوغ
خىيالىمدىن كەتمەيسەن نېرى
سېنى سېغىنمىغان كۈنۈم يوق
بىلەلمىدىم بۇ قانداق پىراق
شۇنچە شېرىن ھەم شۇنچە قىرتاق
يىراق ئەمەس سەن ماڭا بىراق
سېنى سېغىنمىغان كۈنۈم يوق
شادلىقىمنى ئېيتقۇم كېلىدۇ
دەرتلىرىمنى تۆككۈم كېلىدۇ
سىرداش بولۇپ ئۆتكۈم كېلىدۇ
سېنى سېغىنمىغان كۈنۈم يوق
ئەس-يادىمدىن چىقمايسەن پەقەت
مەيلى بىلمە، مەيلى بىلىپ يەت
ۋەسلىڭ ئۈچۈن يۈرەك بىتاقەت
سېنى سېغىنمىغان كۈنۈم يوق
بىلەلمىدىم بۇ قانداق پىراق
شۇنچە شېرىن ھەم شۇنچە قىرتاق
يىراق ئەمەس سەن ماڭا بىراق
سېنى سېغىنمىغان كۈنۈم يوق
شادلىقىمنى ئېيتقۇم كېلىدۇ
دەرتلىرىمنى تۆككۈم كېلىدۇ
سىرداش بولۇپ ئۆتكۈم كېلىدۇ
سېنى سېغىنمىغان كۈنۈم يوق
شادلىقىمنى ئېيتقۇم كېلىدۇ
دەرتلىرىمنى تۆككۈم كېلىدۇ
سىرداش بولۇپ ئۆتكۈم كېلىدۇ
سېنى سېغىنمىغان كۈنۈم يوق
شادلىقىمنى ئېيتقۇم كېلىدۇ
دەرتلىرىمنى تۆككۈم كېلىدۇ
سىرداش بولۇپ ئۆتكۈم كېلىدۇ
سېنى سېغىنمىغان كۈنۈم يوق
سېنى سېغىنمىغان كۈنۈم يوق