作词 : Muhtar Bughra
چىرايلىق گۈلۈم
گۈل بېغىمنىڭ گۈلىسەنا
چىن ئىشقىمنى بىلىسەنا
كۆزلىرىمىز ئۇچراشسا
يەر ئاستىدىن كۈلىسەنا
چىرايلىق گۈلۈم گۈلۈم شىكىرىم
ئوتلىرىڭدا كۆيەدۇ باغرىم جىگىرىم
باغلىرىمدا ھەرخىل گۈل
سەرخىللىرىغا سەن لايىق
بۇ جاھاندا قىزلار كۆپ
سەن ھەممىدىن چىرايلىق
قوي كۆزلىرىڭ خۇمالىق
چىن سۆيگىگە لىقمۇ-لىق
ۋاز كەچمەيمەن سىنىڭدىن
چىرايلىقىم چىرايلىق