پەرۋانەڭ بولاي
قار باسقان ئىدىر-تاغلار
مۇڭ باسقان يېشىل باغلار
سەن كىتىپ ئارامىم يوق
يۈرەكتە ئېغىر داغلار
كۈندە كۆرمىدىم سېنى
كۈنىدە كۆرەرمەن دەپ
ئۆلمىسەك كۆرۈشكەندە
باغرىمغا باساي مەندەپ
پەرۋانەڭ بولاي دەيمەن
غەمخانەڭ بولاي دەيمەن
ئەتراپىڭدا ئايلىنىپ
دىۋانەڭ بولاي دەيمەن