
作曲 : ZulpYe
[00:15:012]制作人: 阿依巴特@ARMusic
مىنى گۈلگە ئوخشاتما زىنھار
گۈزەللىكتە گۈلگە يەتمەيمەن
لىكىن تاشلاپ كەتكەندە باھار
گۈلگە ئوخشاش توزۇپ كەتمەيمەن
مىنى قانداق ئويلىغىن مەيلى
پەقەت قىزىل گۈل دەپ ئويلىما
سۆيگۈمنى شۇ سەۋەپ تۈپەيلى
مەندىن سورا گۈلدىن سورىما
بولمىقى تەس ئاشىققا قىياس
قىزىل گۈلگە كۆڭلى چۈشكەننىڭ
بولماس يەنە كۆيگەنلىكى راس
گۈل توزىسا شۇئان ئۆچكەننىڭ
مىنى گۈلگە ئوخشاتما شۇڭا
ئاددىيغىنە بىر قىزمەن پەقەت
كۆرسەتمىسۇن باغلارنى ماڭا
ئىزدىگەنلەر مەندىن مۇھاببەت
مىنى گۈلگە ئوخشاتما زىنھار
گۈزەللىكتە گۈلگە يەتمەيمەن
لىكىن تاشلاپ كەتكەندە باھار
گۈلگە ئوخشاش توزۇپ كەتمەيمەن