作曲 : Hoji Matkurban
编曲 : AbduwaliTohti
سۇلار كەلدى ساي بويلاپ
تاغنىڭ بىشىدىن لايلاپ
تۈن كىچىدە ئۇيقۇ يوق
سەن خىنىمنى كۆپ ئويلاپ
ۋىجىرلاپ ئالا تورغاي
باغ ئارلاپ ئۇچۇپ كەلدى
لىۋەن يارىم چىرايلىق
قىزىل گۈل بۇلۇپ كەلدى
كۆرۇنگەن چىراقمىكىن
باراي دىسەم يىراقمىكىن
مەن كۆيگەن گۈزەل يارنىڭ
كۆزلىرى بۇلاقمىكىن
يار بىغىدا گۈزەل لەيلى
قىلسام مەيلىمۇ سەيلى
يەرتىگىدىن قارايدۇ
ماڭا بەرمىدۇ مەيلى