作词 : Abdumulik/Bahtiyar
作曲 : Abdumulik/Bahtiyar
编曲 : Abdumulik/Bahtiyar/Dhino
混音:Mr.Perman
تەسەللىي كېرەك ئەمەس
ئۆزۈڭنى زورلىشىڭ كېرەك ئەمەس
خوش دېمەيلا كەتكىن بولدى كەتكىن
ئايرىلىش ھەممىدىن دېرەك ئەمەس
يىغلىدىم نەچچە نەچچە قېتىم ئاجىزلىقىمدىن دېرەك ئەمەس
يىقىلدىم ئۆرە قوپتۇم يۆلەشلىرىڭ كېرەك ئەمەس
تىكەندەك يالغۇز قالىمەئىچ ئاغرىتىشىڭ ھاجەت ئەمەس ئۆزەم ئۈچۈن ياشايمە تۇرمۇش مىنىڭ سېنىڭ ئەمەس
ئاللىبۇرۇن رايىم يانغان مۇھەببەتكە ئىشەنمەيمە
ياتلار ئېغىزىدا نامەلۇم بولغان كەلگۈسىنى كۈتەلمەيمە
قايتا ئىزدەپ ئاۋارە بولما ساختىلىقىڭغا كۆنەلمەيمە
ھەممىمىز ئوخشاش ئاددى ئادەم سەن مىنى مەن سېنى چۈشەنمەيمە
تەس دېمەيمە نە جاپا دەپ يالغۇزلۇقتا ئۆتكەن كۈنۈمنى
ئەسلىمەيمە تاشلىۋەتتىم مۇھەببەتلىك خەتلىرىڭنى
ساخلىمايمە يەنە ئاشۇ ساختا ۋەدە گەپلىرىڭنى
ئەسلىملەرگە خاتىمە بىرەي يۇيىۋەتتىم دەرتلىرىمنى
كۈلكەمگە سەۋەپ بولغان كۆز يېشىمنى ئۇنتاممايمە
يېقىلسام مەيلى دەيمە يېقىلغان جايىمنى ئۇنۇتمايمە يىغلىسام يۈركۈم يىغلىسۇن تېشىمدا ھەرگىز چاندۇتمايمە
ئارقىمدىن ئەمەس ئالدىمدا گەپ قىل دۇستۇم مەن رەنجىمەيمە
تەسەللىي كېرەك ئەمەس
ئۆزۈڭنى زورلىشىڭ كېرەك ئەمەس
خوش دېمەيلا كەتكىن بولدى كەتكىن
ئايرىلىش ھەممىدىن دېرەك ئەمەس
ئايرىلىش ھەممىدىن دېرەك ئەمەس
بولدى قىل تەسەللىي كېرەك ئەمەس
مۇھەببەت ھېسياتنىڭ قۇربانى بولغاشقا
شۇڭا مەن ئاقكۆڭۈل زېرەك ئەمەس
مىھىرسىز يۆلەنسەڭ يۆلەك ئەمەس مەن
سېنىڭدەك رەھىمسىز يۈرەك ئەمەس
مۇھەببەت ھېسياتنىڭ قۇربانى بولغاشقا
شۇڭا مەن ئاقكۆڭۈل زېرەك ئەمەس
ياشايمەن ئارزۇيۇم ئارمان ئۈچۈن
قايتىدىن دەس تۇردۇم ئۆزەم ئۈچۈن
تەسەللىي كېرەك ئەمەس
ئۆزۈڭنى زورلىشىڭ كېرەك ئەمەس
خوش دېمەيلا كەتكىن بولدى كەتكىن
ئايرىلىش ھەممىدىن دېرەك ئەمەس
