
作曲 : Hoji Matkurban
编曲 : Alimjan-imam
كۆزلىرى ئانامغا ئوخشايدىغان
ئاشۇ كۈزىدىن مىھرىبانلىق تېمىپ تۇردىغان
سىردىشىم مۇڭدىشىم چىرايلىق
ئاچامدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالدۇق
خەستە بولدى گۈل باغلىرىڭ
زار يىغلىدى قېرىنداشلىرىڭ
ئاختى كۆزدىن ئاھ ياشلىرىم
سىنى ھەجەپ سېغىندۇق
بىزنى تاشلاپ كەتتىڭ يىراققا
سىنى ھەجەپ سېغىندۇق
ئازاپ چىكىپ قالدۇق پىراقتا
سىنى ھەجەپ سېغىندۇق
قىزىم دەپ قالدى جان ئانام
ھەسرەت بىلەن ئىگىلدى دادام
سىرداشتىڭ بىزگە بەك يارام
سىنى ھەجەپ سېغىندۇق
بەش بالاڭنىڭ كۈزىدە يېشى
قالدى سۇۋۇپ تاۋاقتا ئېشى
ھايات بولساڭ قاتماستى بېشى
سىنى ھەجەپ سېغىندۇق ئاچا
قالدىڭ بۈگۈن كەلمەسكە كىتىپ
يۈرەك تولدى ئەلەمگە پېتىپ
يىغلاي سىنى ناخشامغا قېتىپ
سىنى ھەجەپ سېغىندۇق