
编曲 : Alimjan-imam
ئورۇنلىغۇچى رۇقىيە مەمەت
سۆزى تۆمۈر داۋامەت
مۇزىكىسى نۇسرەت ۋاجىدىن
ئەسلى ئورۇنلىغۇچى ئىززەت ئېلىياس
ئاككورىدلاشتۇرغۇچى ئالىمجان ئىمام
غىجەك غالىپ رېھىم
دۇتتار تەمبۇر ئابدۇراخمان ئابلەت
مۇزىكا
ۋاپادار نىگارىڭ ئامىتىڭ
مەدەتكار سۇنماس قامىتىڭ
ۋاپادار نىگارىڭ ئامىتىڭ
مەدەتكار سۇنماس قامىتىڭ
سەپەردە بولسا ئات تاغدەك يار يۆلەك
ئىگىلمەس شەمشادتەك قامىتىڭ
سەپەردە بولسا ئات تاغدەك يار يۆلەك
ئىگىلمەس شەمشادتەك قامىتىڭ
ئىگىلمەس شەمشادتەك قامىتىڭ
ئەييي ...ئەييي ... ئەيييي
شۇڭىلاشقا نىگارنى ئەزىزلە
قىل ئۇنى دىلدىن ھۆرمەت
شۇڭىلاشقا نىگارنى ئەزىزلە
قىل ئۇنى دىلدىن ھۆرمەت
نىگارنى خار ئەيلەش يىگىتلىككە ياتتۇر
تولسۇن كەڭ ئالەمگە مۇھەببەت
تولسۇن كەڭ ئالەمگە مۇھەببەت
مۇھەببەت سۆيگۈگە تولسۇن
تولسۇن كەڭ ئالەمگە مۇھەببەت
تولسۇن كەڭ ئالەمگە مۇھەببەت
مۇزىكا
مېھرىدىن سۇ ئىچسە دىلىڭ
ھۆسنۈڭدە ئۇرغۇيدۇ دەرمان
مېھرىڭدىن سۇ ئىچسە دىلىم
ھۆسنۈڭدە ئۇرغۇيدۇ دەرمان
جاپانى يېڭىپ ھەم توسقۇننى بېسىپ
ئۆرلەيسەن چوقىغا قۇچۇپ شان
ئۆرلەيسەن چوقىغا قۇچۇپ شان
ئەييي ... ئەييي... ئەي...
شۇڭىلاشقا نىگارنى ئەزىزلە
قىل ئۇنى دىلدىن ھۆرمەت
نىگارنى خار ئەيلەش يىگىتلىككە ياتتۇر
تولسۇن كەڭ ئالەمگە مۇھەببەت
تولسۇن كەڭ ئالەمگە مۇھەببەت
مۇھەببەت سۆيگۈگە تولسۇن
تولسۇن كەڭ ئالەمگە مۇھەببەت
تولسۇن كەڭ ئالەمگە مۇھەببەت