
作词 : Kari-Abla/ParhatJan TuRdi
作曲 : Kari-Abla/ParhatJan TuRdi
编曲 : Kari-Abla/ParhatJan TuRdi
تال بويوڭ,
ناخشىدا:قارى ئابلا
مەزمۇن يوللىغۇچى:پەرھاتجان تۇردى
كىلىڭە چىچەك تال بويوڭ,
تالغا ئوخشامدۇ بويوڭ,
ئىگىز تاغدىن چۈشكەن سۇ,
تاشقا تەگمەي شارقىراپ,
بىزنىڭ يار بۈگۈن كەپتۇ,
قىزىل گۈلدەك پارقىراپ,
ئاق سارايدا ئاق ساندوق,
كۆك سارايدا كۆك ساندوق,
بىزنىڭ يارلا دوختوركەن,
سۆيۈپ قويسا ساقىيىدۇ,
ئاي بۇلۇڭدىن ئات ئالدىم,
مىنىپ كەلدىم يۈگەنسىز،,
مەن سىزگە تولا كۆيدۇم,
چىرايىمدىن بىلگەنسىز،,
بارايلى دىمەپمىدۇق,
يانايلى دىمەپمىدۇق,
شەكلىمىز،قىزىل ئالما,
چىشلىشىپ يىمەپمىدۇق,
ئاي بۇلۇڭدىن كەلگۈچە,
ساناپ ئۆتتۈم خۇمداننى,
يارغا يار كىرەك بولسا,
تىپىۋالسۇن ئوبداننى,
ھاۋا يايرىم ئاگۈلى,
ھاۋا يايرىم ئايگۈلى,
ئايمىدۇر مىنىڭ يايرىم,
كۈنمىدۇر مىنىڭ يايرىم,
ئەقلى ھۈشىدىن ئازمىسا,
يار تۇتماس مىنىڭ يايرىم,
ئاي بۇلۇڭدىن چۈشكەن سۇ,
تۆگە تاغدا توختايدۇ,
ئون سەككىزدە تۇتقان يار,
قىزىل گۈلگە ئوخشايدۇ,
قاشلىرىڭ ئەجەپ چىرايلىق,
كۆزلەرىڭگە كۆيدۆم مە ن,
ئىغىزىڭغا سىلىپ ناۋات,
لەۋلەرىڭگە سۆيدۇم مەن,
بولمايمەنە بولمايمەن,
سىنىڭ بىلەن بولمايمەن,
سىنىڭ بىلەن بۇلغۇچە,
ئۆزۈم يالغۇز ئوينايمەن,
ئالماڭنى ئىغاتمامسەن,
سۇلارنىڭ ئىقىشىغا,
يازغان خەتلىرىڭ تەگدى,
يۈرەكنىڭ بىغىشىغا,
ھاۋا يارىم ئايگۈلى,
ھاۋا يايرىم ئايگۈلى。