
作词 : Anwar-Obul
作曲 : Anwar-Obul
编曲 : Anwar-Obul
بارىمدا قەدىرلە
ھېچ بىلمىدىم ئويلارىڭنى
قانداق خاپا قىلغانىمنى
ئىشقى ئوتۇڭ قىينار مىنى
كۆز ئالدىمدىن كەتمىدىڭ نېرى
بەك قورقىمەن ئازاپلاردىن
كونا ئوتلۇرۇڭ قوزغاشتىن
ئۇنتىغاندا ئاران سىنى
يۈرۈگۈم لەختە بۇلۇشتىن
بارىمدا قەدىرلە،
يوقۇمدا ئىزلىمە.
ئارقامدىن سۆزلىمە،
يۈرەكتىن سۆيدۈممەن
باشقىغا كۆيدۈڭ سەن،
ئۇنۇتقىن ئەمدى بەس
ئۇيقۇ كەلمەس تاڭ ئاتقىچە،
دەرتلىرىم ئاندىن يەتكۈچە.
يالغۇز قويدۇڭ لېكىن مىنى ،
چىدىدىڭ تاشلاپ كەتكۈچە.
قەدىرلىمەي ئەقىدەمنى
بەك ئاغرىتتىڭ يۈرۈگۈمنى
كىتىپ قالدىڭ مىنى تاشلاپ
يائېيتمىدىڭ سەۋەبىڭنى
بارىمدا قەدىرلە،
يوقۇمدا ئىزلىمە.
ئارقامدىن سۆزلىمە،
يۈرەكتىن سۆيدۈممەن
باشقىغا كۆيدۈڭ سەن،
ئۇنۇتقىن ئەمدى بەس