作词 : EG/Elham·Ghayret
作曲 : EG/Elham·Ghayret
编曲 : EG
ھىكايىسى يوق سۆيگۈلەر بولماس ،
ئاشىق-مەڭگۈ مەشۇققا قانماس ،
تايىر بىلەن زۆھرەدەك ئۆتۈپ،
سەۋەپسىزلا بىر-بىردىن تانماس،
غۇرۇر نىمە ۋىجدان نە قالدى،
ئوت يۈرەككە خەنجەرنى سالدى،
شۇ بىچارە تاغدەك ئىشەنسە،
سۆيگۈ نەدە ئەلەمدە قالدى،
سۆيدۈم سېنى يۈرەككە ياققان
چىن سۆيگۈمىز ھاياتقا باققان
يار دەردىڭدە دەريادەك ئاققان
سۆيگۈم سەندە يۈرەككە باققان