编曲 : Alimjan-imam
作词 : Anwar Mamut
作曲 : Anwar Mamut
كەچۈرمەيلى بىز
سالغان دىلغا ئەلەم بىلەن ئىز
ئەزىز بىلىپ ئارزۇلىغان قىز
قەدرىمىزگە باشتا يەتمىگەن
بىۋاپانى كەچۈرمەيلى بىز
قايتا كەلسە تۇنىما يۈرەك
كەچۈر دېسە ئۇنىما يۈرەك
چاقىرسىمۇ يۇلىما يۈرەك
ئۆزى ئېلىپ قەدەمنى خاتا
يەنە بىزدىن بولغانتى خاپا
ۋەدىسىگە قىلمىغان ۋاپا
كۆيۈنگەندە ئەرزىمەس بىلدى
ئەقىلسىزكەن باغرىمىز تىلدى
بىزگە ئەمەس ئۆزىگە قىلدى
بىۋاپانى كەچۈرمەيلى بىز.