
作曲 : Elham Mamat
编曲 : Alimjan-imam
بىلىپ قوي
سېلىۋەسەڭ ئەلەملەرنى يىنىشلاپ
تاقىتىمنى سىناپ تالاي غېرىشلاپ
ياشىمدىمەن يەنە سۆيگۈ بېغىشلاپ
ئەخمەق ئەمەس ساڭا مەنمۇ بىلىپ قوي
مەندىمۇ بىر گۆشتىن پۈتكەن يۈرەك با
ئاغرىۋەرسە تىلىنىدۇ ئازاپتتا
سەن سۆيمسەڭ نىم بوپتىكەن ھاياتتا
ساڭا قەرىز بوپ قالمىدىم بىلىپ قوي
ھەركىم قىلسا مەندەك قىلا شۇنچىلىك
كۆتەرمەيدۇ خۇيلۇرۇڭنى مەنچىلىك
مەن سۆيمىسەم كىم ئىدىڭ سەن قانچىلىك
سەندەكلەرگە يالۋۇرمايمەن بىلىپ قوي
خام ئەيلىمە كەپ قالا دەپ قايتا رەت
يانالمايمەن سۆزلۈرۈمدىن تائابەت
جاھ تويغازدىڭ بۇدا قېتىم مۇھەببەت
سەندەكلەرگە قارىمايمەن بىلىپ قوي