يارىم كەتتى يىراققا
قارىسام كۆزۈم يەتمەس
مېنى قويدى پىراققا
قىچقارسام ئۈنۈم يەتمەس
music
سىلكىنىپ چىمەنگە چۈشتۈم
ئەي نىگارىم قايدىسەن
سارغىيىپ سامان بولدۇم
ساق سالامەت بامۇ سەن
ئاي قېشىدا بىر يۇلتۇز
كۆرۈنمەيدۇ باشقىسى
يارىم يارلار ئىچىدە
خۇددى ئاتنىڭ قاشقىسى