
作词:Ozlaxturulgan
作曲:Ozlaxturulgan
ناخشا ئورۇنلىغۇچى:زۇلپىيە ئەركىن
سېغىنىش
ھەر كىچىلەردە يۇلتۇزلارغا باقىمەن
ھەسرەتلىرىمنى يۇلتۇزلارغا تۆكىمەن
يۇلتۇزلاردىن كەلمەيدۇ جاۋاپ
قاچان كىلەر يار دەپ سىنى كۈتىمەن
قىلغان ھەر ھەۋەستە
ئالغان ھەر نەپەستە سەن يارىم بار
كۆڭلۈم يوق بۈلەككە
تاغدەك زور يۈلەككە سەن يارىم بار
سەن تىلەگىم ئاھ
سەن يۈرەگىم ئاھ
سەن كۆز نۇرۇم، زار ئەتمە
كىچە-كىچە زار ئەتمە
ساداقىتىمدىن گۈللەيدۇ چىمەن
يۇلۇڭغا قاراپ كۆز ياشلارنى تۆكىمەن
يارىم دىلىڭ تاشمۇ يامۇز
ۋىسالىڭغا قېنى ئېيت،قاچان يىتىمەن
يۈرىگىم ھەۋەستە
دۈپۈلدەرنەپەستە ئارمانىم بار
ئەلۋىدا دىمەستە
يەتكۈزسەڭ شىكەستە، بۇ ئالەم تار
سەن تىلەگىم،ئاھ
سەن يۈرەگىم،ئاھ
سەن كۆز نۇرۇم،زار ئەتمە
كىچە-كىچە زار ئەتمە