作曲 : Karkax
ئازاب يوق دەپ كىم دەيدۇ
دەردكە تولغان يۈرەكتە .
كۆيمىدى دەپ كىم دەيدۇ
ئۆز يارىغا ھەسرەتتە .
ياشلىقتىكى مۇھەببەت .
شۇنچە شېرىن كارامەت .
دەسلەپ كۈلدۈرگەن بىلەن .
يىغلىتىدۇ ئاقىۋەت .
دەيدۇ شۇ گۈزەل قىزچاق .
ئىشەنمەيمەن ، مەن ساڭا .
كۆڭۈل بەرمە ، سەن ماڭا .
يىغلايمۇ ياكى كۈلەيمۇ ؟
دەرد ئىچىدە ئۆلەيمۇ ؟
يۈرىكىمنى سۇغۇرۇپ .
سىزگە تاشلاپ بېرەيمۇ ؟