作曲 : Muradel Abdusalam
يۈرەكلىرىڭ يىغلايدۇ قان قان
قەلبىڭ قايغۇ ئەلەمگە پېتىپ
شۇنداق ئىكەن مۇھەببەت دېگەن
بىر كۈلدۈرسە تالاي يىغلىتىپ
يىغلىيالماي ئاچچىق كۈلىسەن
كۆنۈش نېمە ئاندىن بىلىسەن
جېنىڭ چىقماي تالاي ئۆلىسەن
مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىپ
كۆڭۈل باشلار سېنى ھەر جايغا
باغنى تاشلاپ بارىسەن سايغا
شوخ بولساڭمۇ كۆيۈپ گادايغا
يۈرەكتىكى سىرىڭنى ئېيتىپ