
作曲 : Nuriman Ablet
编曲 : Abdusami Abduwali
سالام ئۇستازلار
سۆزى: ئۆمەرجان ئەمەت
ئۈنۈملىگۈچى:ئابدۇسەمى ئابدۇۋەلى
نەيدە :ئۆمەرجان ھامۇت
راۋاپتا:روزىجان جۈمە
تۈمەن مىڭ قەلىبنىڭ تۆرىدە سىلەر
ھۆرمىتىم چەكسىزدۇر سالام ئۇستازلار
تۈمەن مىڭ قەلىبنىڭ تۆرىدە سىلەر
ھۆرمىتىم چەكسىزدۇر سالام ئۇستازلار
ئەل ئاۋام خەلقىمنىڭ كۆزىدە سىلەر
دىلىمدا پەخرىمدۇر سالام ئۇستازلار
ئەل ئاۋام خەلقىمنىڭ كۆزىدە سىلەر
دىلىمدا پەخرىمدۇر سالام ئۇستازلار
مۇزىكا
سىلەر ئەل قەلبىدە قۇياشقا ئوخشاش
گۈلزارلىق باغلاردا باغۋەنگە دىلداش
كۈيۈڭلار ياڭرايدۇ بۇلبۇلغا تەڭداش
تۆھپىكار مېھنەتكەش سالام ئۇستازلار
مۇزىكا
ئۇستازنىڭ بىر ئېغىز سۆزىمۇ بىلىم
ئۇستاز دەپ كۈيلەردە ھەرقاچان تىلىم
ئۇستازنىڭ بىر ئېغىز سۆزىمۇ بىلىم
ئۇستاز دەپ كۈيلەردە ھەرقاچان تىلىم
ھاياجان ئىلكىدە شادلىقتا دىلىم
يۈرەكتە ھۆرمىتىم سالام ئۇستازلار
ھاياجان ئىلكىدە شادلىقتا دىلىم
يۈرەكتە ھۆرمىتىم سالام ئۇستازلار
مۇزىكا
ماڭغان ھەر يولۇڭلار گۈلزارغا تولسۇن
قىلغان ھەر ئىشىڭلار داغدام يول بولسۇن
ھۆرمەتتە سالامىم مەڭگۈلۈك بولسۇن
دىللاردىن مۆھتىرەم سالام ئۇستازلار
قوللۇرۇم كۆكسۈمدە سالام ئۇستازلار
بارچە ئەل قەلبىدە كۈيچى بۇلبۇللار