作词 : Tumurhan-Rozi
作曲 : Tumurhan-Rozi
编曲 : Tumurhan-Rozi
گۈلشەندىن چىمەنلەردىن
نۇرلاندى سېنىڭ جىلۋەڭ
بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىدەك
ئويغاتتى مېنى كۈلكەڭ
ھېجرانلا ئۆتۈپ كەتتى
پاك سۆيگۈ قۇچاق ئاشتى
سۆيگۈنىڭ گۈلى ئەمدى
زەپمۇ خۇش پۇراق چاشتى
ھاياتتىن ئېلىپ لەززەت
گۈل باغدا كۈلەيلى تەڭ
بىزگە يار بەخت ئامەت
پەيزىنى سۈرەيلى تەڭ
دىللارغا بېرەر شاتلىق
سۆيگۈنىڭ كۈيى سازى
قوزغىتار مۇھەببەت نى
ھاياتنىڭ باھار يازى