作曲 : Karkax
ساڭا قانچە سۆزلىسەممۇ
مېنى شۇنچە خار قىلدىڭ يار
يۈرۈكۈمنى ئال دېسەممۇ
مېنى ئوتقا تاشلىدىڭ يار
ساڭا بەرگەن بۇ كۆڭۈلنى
مەن ھېچكىمگە بېرەلمەيمەن
قېينىمىغىن مېنى بۇنچە
سەنسىز ھەرگۈز يۈرەلمەيمەن
ئەللەر نىمە دېسە مەيلى
مەن يولۇمدىن قايتالمايمەن
بەخىتلىكمەن بۇ دۇنيادا
سەنلا بولساڭ ئەي سۆيگۈنۈم
قاراڭغي تۇن ھەمرا كۈندە
سىمايىڭنى بېرەر ماڭا
ئۆزگە يايرىم يوقتۇر سەندىن
قايتىپ كەلگىن ئەي سۆيگۈنۈم