作词 : Dilkat Xawkat
گۈل دېسەم ۋەسلىڭنى بىر كۆرسەتمىدىڭ،
كەل دېسەم ھېچ قايرىلىپ بىر كەلمىدىڭ.
يۈردىما ئىشقى ئوتۇڭدا داغلىنىپ،
يانغىلى گۈلغانغا پۇرسەت بەرمىدىڭ.
ھەسرىتىم تولدى ئىشقنىڭ جامىغا،
نە قىلاي ھالىمنى چۈنكى سەزمىدىڭ.
ئۈلپىتىم بولدى سىمايىڭ ئاي بىلەن،
تاڭ ئېتىپ بىر رەت يېنىمغا يەتمىدىڭ.
گۈل دېسەم جانان ھىدىڭنى ئاھ ئۇرۇپ،
بىر ئېلىپ ئەسكە مېنى ياد ئەتمىدىڭ .
گۈل سىياق كەلگەن بىلەن يار ئاقىۋەت،
مەنزىلى گۈلزارغا باشلاپ كەتمىدىڭ.