作词 : Warisjan Abdurahman
作曲 : Warisjan Abdurahman
编曲 : Warisjan Abdurahman
داغ بولۇپ قالدىڭمۇ سەن
بۇ ئوتلۇق يۈرىگىمدە سەن,
مۇز بولۇپ قالدىڭمۇ سەن,
مۇھەببەت دېڭىزىمدا سەن,
ئوت بولۇپ ياندىڭمۇ سەن,
بۇ مىسكىن يۈرىگىمدە سەن,
ئىز بولۇپ قالدىڭغۇ سەن,
بۇ قىسقا ھاياتىمدا سەن,
سېغىنىپ ئۆلسۇن دەمسەن,
يۈرىكى كۆيسۇن دەمسەن,
سۆيگۈمىزنى ئۇنتۇغاندەك قىلىپ,
مېنى يالغۇز تاشلاپ كېتەمسەن,
قىينىلىپ يۈرسۇن دەمسەن,
ئىشقىڭدا كۆيسۇن دەمسەن,