作曲 : Yusup Sahra
كېتىۋېلىڭلار
غەمدە قالسام تاشلايدىغانلار
كۆزلىرىمنى ياشلايدىغانلار
ۋەيران بولسام ياشنايدىغانلار
ئالدىن ھازىر كېتىۋېلىڭلار
بايلىقىمغا دوستلىرىم تولا
چېنىپ قالدى خۇيۇڭلار بولا
بولدى ئەمدى قىلماي غۇلغۇلا
مەيلى ، ھازىر كېتىۋېرىڭلار
كۈلكەمگىمۇ تۈلكىدەك كۈلۈپ
ۋاپا يوقكەن بەرسەممۇ ئۆلۈپ
خۇيۇڭلارغا يۈرمەيمەن كۆنۈپ
خەير ، ھازىر كېتىۋېرىڭلار
مەن ئاجىزمەن بايلىقىڭلارغا
يېتەلمەيمەن ئايلىقىڭلارغا
مەن يىغلىسام شادلىقىڭلارغا
جۆر بولمايمەن كېتىۋېرىڭلار