
作词 : 比你黑的Mr-Black
作曲 : 比你黑的Mr-Black
编曲 : 比你黑的Mr-Black
قىلىۋاتىمەن دەسلەپ سەن بىلىسەن كىبىرىم قەستەن مېنىڭ مەسىلەم بۇ .
كوچىلارغا دەسسەپ مىڭ تەستە مېنى مەست دەپ ئۇلار مېنى ئەسلەمدۇ .
بىز يەنە پەستە بۇ پەستە flow كەسلەپ لايىقىنى بەزلەمدۇ بالا
دېمەكچىمەن مەسىلەن ، بىر مەسلىھەت ، بىر مەقسەتتە بۇنى دەستدەمدۇق .
ئوخشاتما مېنى توردىكى ھەييالغان .
كەلدىم بالا ئىشىڭنى تەييارلاپ
ئاي ئايدىڭ ، ئېيتمەن ئاي يارى .
يۈرەك ئەمەس ، بىزدىكى سەييارە .
كىبىرى بەك چوڭ .
ئۇلارنىڭ بىزگە پىكىرى بەك چوڭ .
تاشلىۋەتكەن دەك چوڭ .
بىر ھالىغا بالىلار سوقىدۇ بەش چوت
سېلىپ قويايمۇ ئالقات بالا ناخشىغا .
بولدى بولدى يالغاندىمە قاقشىما .
دوستۇم بارمۇ كۈلكەڭ بىلەن ياخشىمۇ .
مىڭ تۆنەپ تەس كەلدىم مانا باغچىغا .
ئېيتقان ناخشىمىز ياڭرايدۇ .
ئەلمۇ زۇق بىلەن ئاڭلايدۇ .
سۆيگۈ ۋە گۈللەرگە قانمايدۇ بالا .
چۈشەنمىدىڭ بۇنى پاڭقايمۇ .
قايتا دەپ بېرەي تەكرارلاي .
بىز تەنھا كېچە ھەمرا ئاي بىلەن .
مەن ئەلۋەتتە بۇ قۇرغاق جاي بىلەن .
قەنت ناۋات بۇنى قىرتاق چايدېمە .
توردا ھەييا بۇنى چۈشىنەمتى .
پۇلغا نەپكە بولۇا چۈپرەندى .
بىزنىڭ بالىلار بۇنى كۆتۈرەمتى .
خام سانىما سەن چۆچۈرەڭنى .
ئۇچامغا دادامنىڭ چاپىنىنى ئارتىپ .
كەلدىم مەن سۆيگىنىڭ تاپىنىنى تارتىپ .
يولدىكى غەلبىلەر ئاسانىغا ياتمىدى .
قوتانغا پاتمىدى قازىنىغا پېتىپ .
بىلىكىدە تارتۇم ئۆچۈرگىلى بولمىدى .
ئىدىيە مانا بۇنى كۆچۈرگىلى بولمىدى
ھەييار نومۇسىغا بېقىنىنى توملىدى .
كىم تولا قەلبىدە قەلىمىنى مۇڭلىدى .
جاناننىڭ ساچىدا قىرىق تال ئۆرۈمە .
سورايدۇ مۇھىمى پۇلمىدۇ ھۆرمەت .
ئۇياتتا كۆرىمەن .
ئېيت بالا ئېيتمانا يولدىلا پايتىما سۆرىمەي .
كەلدىم ، مەن بۇ يەرگە بولغىلى ئۆرنەك .
رەپچلەر غاز بىلەن ئۆرىدەك .
تاما تاما كۆل بولمىدى ، بولغىنى كارىۋاتىكى ھۆلدەك .
ناخشىدا گەپلىرى بىلەن.
بۇ hip hop ئويۇننىمۇ ھايۋاننىڭ .
چىقتىم بالا كۇنى پېشايۋاندىن
ئىلگىرىلەپ مۆجىزىگە ئايلاندىم .
چولپان دېدى چولپان قوش تىرناقتا .
ئوت كۆرگىلى قىرغاققا
ئۆتكىنە بىر ياققا
ساپ تاۋارلار لاپاستا بىر باغلام .
ئاتاڭلار مېنى يۈز يىللىق يالغۇزلۇق .
ئوچاقتا مەشتىكى قار مۇزلۇق .
كۆزدىكى ياش تۇزلۇق .
چاڭقايمەن ماڭا كۈلكەڭ ئۇسسۇزلۇق .
ئالغىلى تارتۇق بىللە ماڭدۇق .
يۈزدىكى تارتۇق ماڭا ھاردۇق .
بىز ئىزنا يەنە سىلەر قالدۇق .
ناخشىغا سۆيگۈنى بلە شالغۇتلاپ .
مەن خۇددى تاۋكاتېشىدا ئادەم .
يەنە ھە تولا كۈلكە يېشىغا ئادەت .
غەپلەت تولا غەم بىلەن قېشىدا بار دەپ .
ۋەتەننىڭ شادلىقى بېشىغا ئامەت .