作词 : Gulbakram Yasin
作曲 : Gulbakram Yasin
编曲 : Gulbakram Yasin
كەل يانىمغا
مۇزىكىسى؛ ئۆزلەشتۈرۈلگەن .
ئۆزلەشتۈرگۈچى؛ گۈلبەھرەم ياسىن .
تېكىستى؛ گۈلبەھرەم ياسىن .
ئاكورتلاشتۇرغۇچى؛ مىرادىلجان باۋۇدۇن .
ئاۋاز ئۈنۈم؛ جۈمەجان ئەھەت .
لاي… لاي…لاي…
بۈگۈن كېچە يەنە سېنى كۆردۈم چۈشۈمدە
سۆيگۈ سوراپ قولۇڭدىكى گۈلۈڭنى تۇتتۇڭ
بۈگۈن يەنە سېنى تۇنجى كۆرگەن كۈنۈمدە .
قىيا بېقىپ كۆزلىرىمگە كۆڭلۈمنى ئۇتتۇڭ
گۈلگە ئامراق دېدىڭ مېنى گۈلگە ئوخشاتتىڭ
قولۇڭدىكى گۈلنى ئالدىم ، كۆڭلۈم توختاتتىم .
قەلبىمدىكى مۇھەببەتنى سەنلا ئويغاتتىڭ
ئويغاندىم مەن چۈشلىرىمدىن يار سېنى ئۇزاتتىم .
يار سەندىن ئارتۇق مېنىڭ يەنە يەنە نېمەم بار .
سۆيگۈڭگە تەشنا قىلما بولدۇم ئىنتىزار .
كەل يانىمغا پەقەت ماڭا ماڭا بولغان يار .
سەن ماڭا مەنسۇپ قىلما مىنى زار
كەل ، كەل ، كەل ، يانىمغا ، يۈرەكتىن كۈلۈپ يار .
سۆيگۈم بولسۇن مەنسۇپ ساڭىلا قىلدىم ئىختىيار .كەلگىن يانىمغا
كەل ، كەل ، يۈرەكلەر كۈلسۇن شادىمان .
سۆيگۈڭ بولسۇن مەنسۇپ ماڭىلا قالمىسۇن ئارمان .كەلگىن يانىمغا
لاي لاي لاي…
ھېي سىنى سىنى سۆيدۈم
يۈرەگىمدىن كۆيدۈم
قىيا باقتىڭ كۆزلەرىمگە ئوتلارىڭدا كۆيدۈم
بولالمىدىم يادىڭدا
قالالمىدىم يانىڭدا
تەشنا قىلما ۋىسالىڭغا يەتكىن مىنىڭ ھالىمغا
قىلما مىنى ئىنتىزار
ۋىسالىڭغا قىلما زار
كەل يانىمغا ئاشىقىم بول، مەنمۇ بولاي ساڭا يار
چۈشەنگن سەن قەلبمنى
قىلغىن مىنىڭ قەدىرمنى
كەل يانىمغا…