تەقدىر ئىكەن دەپ قالاي نىمە بولسۇن بۇ ھالىم
ئۆتمۈشۇڭگە ئايلىناي مىنى ئويلىما جىنىم
ئويلىما جىنىم مىنى ئويلىما
مىنى يادىڭدىن چىقار كىچەلەر ئۆتمە بىدار
بىزگە يوق ئەمدى دىدار مىنى ئويلىما جىنىم
چارىسىزمەن مۇشۇ تاپ ۋەجىنى سوراپ يۈرمە
سەنمۇ ئۆز بەختىڭنى تاپ مىنى ئويلىما جىنىم
مەيلى قانچە رەنجىگىن مەيلى يالغانچى دىگىن
مەيلى نە ئەيلە لىكىن مىنى ئويلىما جىنىم