编曲 : Abdiwaki-Turdiahmat
كۆڭلۈڭگە ئاياندۇر ، بەلكىم.
ئاشىقلىقىم ساڭا نىگارىم.
لېكىن سادا كەلمەيدۇ سەندىن.
يەتمىدىمۇ مېنىڭ ندىدارىم.
سەن مېنى قىينىما
بولما ئۇنچە باغرى تاش.
ئېيتالمىدىم ، سۆزۈمنى ساڭا.
ئېيتماق ئۈچۈن نەچچە رەت بېرىپ.
قىينىلىمەن ، ئۈزۈمدىن ئۈزۈم.
ئاشىقلىقىم ماڭا بولۇپ دەرت
بۇنچە بولما ، باغرى تاش.
بولۇپتۇ دېدىم ئامالىم قانچە
ئېيتالمىسام ، سۆزۈمنى ساڭا.
ئۆزگىلەرنىڭ بولدۇڭ نىگارىم.
ئارمانلارنى قالدۇرۇپ ماڭا.
ئۇنچە بولما باغرى تاش.