
作词 : mug kuy
作曲 : mug kuy
编曲 : mug kuy
ئاتۇش پەدىسى
ئاتۇشۇڭغا بارغۇچە
چەكمەنىمنى سايە ئەتتىم
سايىسىدا ئۆزۈم ياتىپ
سەن يارىمنى يات ئەتتىم
تۇمۇچۇقۇم سايرايدۇ
نىگارىم ئوينىغان باغدا
ئىچىمدە ئوتلار كۆيىدۇ
سېنى ياد ئەيلىگەن چاغدا
يارىم سەن نىگارىم سەن
كۆڭلۈمدكى يارىم سەن
ئاخشىمى كېچىلەردە
ياندۇرغان چىراغىم سەن
بارغۇم بار ھەي بارغۇم بار
بېغىمدا ئانارىم بار
شۇ بېغىمدا ئىشلەيدۇ
مېنىڭ ئەمگەكچى يارىم بار
ۋاي قىزارىپتۇ
تەنگە سىغماسمەن
ئەگەر كۆرسەم
ئاي جامالىڭنى بالىجان
ۋاي دادەي بالاجان
ۋاي دادەي ئۇكىجان
سېنىڭ ئىشقىڭدا
كۆيىدۇ بۇ جان
ۋاي دادەي بالاجان
ۋاي دادەي ئۇكىجان
سېنىڭ ئىشقىڭدا
كۆيىدۇ بۇ جان
ئۆگزەڭگە چىقىۋاپسەن
ئېچىلغان قىزىل گۈلدەك
كېلىڭ يارىم ئوينايلى
سوغۇق سۇغا شۇڭغۇغاندەك
ۋاي دادەي بالاجان
ۋاي دادەي ئۇكىجان
سېنىڭ ئىشقىڭدا
كۆيىدۇ بۇ جان
سېنىڭ ئىشقىڭدا
كۆيىدۇ بۇ جان
سېنىڭ ئىشقىڭدا
كۆيىدۇ بۇ جان