
作曲 : Turghunjan Tursun/TUR
كۆزلۈرۈم ئىزدەيدۇ ھەربىر نەپەستە،
سېغىنىش دەردىدە يۈرەگىم خەستە.
غەملىرىم يوق يوق يۈرەردىم شوق شوق،
مەن ئەركىن قۇش ئىدىم سىزگە كۆيمەستە.
سىزنى يار دەپ سۆيسەم مەيلىمۇ
سىزگە يار بولسام مەيلىمۇ
تۈنلىرى ئۇخلىماي ئويلايمەن
چۈشلىرىمدە كۆرسەم مەيلىمۇ
خىيالىمنى ئالدى شۇ يىگىت
ئەقلىمنى ئالدى شۇ يىگىت
بۇ ئاجىز يۈرەكنى ئېلىپ
قەلبىمنى ئالدى شۇ يىگىت
كۆزلۈرۈم ئىزدەيدۇ ھەربىر نەپەستە
سېغىنىش دەردىدە يۈرەگىم خەستە
غەملىرىم يوق يوق يۈرەردىم شوق شوق
مەن ئەركىن قۇش ئىدىم سىزگە كۆيمەستە
سىزنى دەپ نە ئوتتا كۆيمۈدۈم
نە كوچىلاردىم ئۆتمۈدۈم.
تۈنلەردە ئۇيقۇسىز بىدارمەن
كۆڭلىڭىز كىمدىكىن بۈلمۈدۈم
بۇلبۇلغا ئايلاندىم سىز ئۈچۈن
گۈلخاندەك ياندىم سىز ئۈچۈن
بۇ ئاجىز يۈرەكنى ئېلىپ
ھىجرانغا ئاتتىم سىز ئۈچۈن