编曲 : Nurmammat-Keyum
سۆز ، مۇزىكىسى : خەلىقنىڭ
ئاككورتلاشتۇرغۇچى : نۇرمەممەت قېيۇم
باغ ھويلاڭدا باغچاڭمەن گۈليالا
سارايغا سالغان زىلچاڭمەن گۈليالا
قاچان بىلەرسەن قەدرىمنى گۈليالا
باياۋاندا تامچاڭمەن گۈليالا
گۈليالا لىۋەن يالار
يار دەردىڭدە ئاغرىقمەن گۈليالا
ئىگىز ئۆگزىگە چىقىپ گۈليالا
پەسكە قارىماڭ گۈليالا
مىنى ئوتقا سېلىپ قۇيۇپ گۈليالا
سىڭايان قارىماڭ گۈليالا
مەن كەلدىم يىراقلاردىن گۈليالا
سۇ ئىچىپ بۇلاقلاردىن گۈليالا
كەلگىنىمنى بىلدىڭمۇ گۈليالا
ياندۇرغان چىراقلاردىن گۈليالا