سېنى لەيلى رەنادەك
ئاجايىپ دىلرەبا دەلەر
مېنى مەجنۇن شەيىدادەك
كويۇڭدا بىر گەدا دەلەر
كېچە كۈندۈز ئىشىكىڭدە
پىغانۇ نالىلەر قىلسەم
ھەر چاغكى مەن ناۋا قىلسام
ھەم ئۆزۈم بى ناۋا دەرلەر
بېرىپ سورىدىم تېۋىپلەردىن
بۇ دەردىمگە داۋا بارمۇ
تىۋىپ ئەيتۇركى ئەي نادان
بۇ دەردنى بى دەۋا دەرلەر
قېنى لەيلى قېنى مەجنۇن
قېنى شېرىن بىلەن پەرھات
ئۇلار ئۆتتى بۇ ئالەمدىن
بۇ دۇنيا بىۋاپا دەرلەر