
作词 : Iminjan Mamat
作曲 : Abduwali Nurtay
编曲 : Keramjan MamatEli
ئىككى يۈرەك
سۆزى ئىمىنجان مۇھەممەت
ئۈنۈملىگۈچى كېرەمجان مەمەتئەلى
مۇھەببەتنىڭ دۇنياسىغا كىرەلمىگەن ئىككى يۈرەك
بىر بىرىگە چىن مۇھەببەت بېرەلمىگەن ئىككى يۈرەك
مۇھەببەتنىڭ دۇنياسىغا كىرەلمىگەن ئىككى يۈرەك
بىر بىرىگە چىن مۇھەببەت بېرەلمىگەن ئىككى يۈرەك
گۇمان بىلەن ئارمان بىلەن ھىجران بىلەن نەپرەت بىلەن
قول تۇتۇشۇپ گۈلىستاندا يۈرەلمىگەن ئىككى يۈرەك
ھەي يۈرەك مېنى دەرتتە قويما يۈرەك
ھەي يۈرەك ماڭا شەرتلەر قويما يۈرەك
ھەي يۈرەك يۈرەك ئوتتا كۆيسە كېرەك
ھەي يۈرەك ئاشىق مەندەك بولسا كېرەك
مۇزىكا
يارنى ئىزدەپ كوچاسىغا كېلەلمىگەن ئىككى يۈرەك
ۋەدىسىنى ۋاپا بىلەن بېرەلمىگەن ئىككى يۈرەك
كۆيگەن بۆلەك كۆنگەن بۆلەك سادىق بولۇپ سۆيگەن بۆلەك
تاھىر بولۇپ زۆھراسىغا كۆيەلمىگەن ئىككى يۈرەك
لەيلى بولۇپ مەجنونىغا كۆيەلمىگەن ئىككى يۈرەك
ھەي يۈرەك مېنى دەرتتە قويما يۈرەك
ھەي يۈرەك ماڭا شەرتلەر قويما يۈرەك
ھەي يۈرەك يۈرەك ئوتتا كۆيسە كېرەك
ھەي يۈرەك ئاشىق مەندەك بولسا كېرەك
ھەي يۈرەك ئىككى يۈرەك ئوتتا كۆيسە كېرەك
ھەي يۈرەك ئاشىق مەندەك بولسا كېرەك
ھەركىم شۇنداق سۆيسە كېرەك