作词 : The-Alem/DolkoN
作曲 : The-Alem/DolkoN
编曲 : The-Alem/DolkoN
ماڭدىم سوغۇق كوچىدا
چۈشمەكتە لەپىلدەپ قارلا
تۇيۇقسز سېغىندىم سېنى
ئەمما سەن يوق يېنىمدا
تېلفۇننى ئالدىم قولۇمغا
باسالمىدىم نومۇرۇڭن
سېنىڭچە ئۇنتۇش ئاسانمۇ
ئىيتقىنا ئەي بىۋاپا
كېتىۋاتىمەن ئادەملەر ئارا
يورىغان قۇياشقا قاراپ
تەنھالىق كۆيسىمۇ چاراسلاپ
يۈرگەنىدىم ئەمەسمۇ ئاۋايلاپ
مۇھاببەت گۈزەل دېڭىز دولقۇنى
قەلىبلەردە نازلىنىپ ئاققان
بىر جۈپ يۈرەك ئىككى ساھىلدا
تەشلىقتا تەلمۈرۈپ ياتقان
دەرىزىگە باقتىم تەلمۈرۈپ
بۇ سوغۇقتىن چىڭقى چۈشكىچە
ئۇنىڭ ئىشقىدا ئوتتەك كۆيەلمەي
چوغلىنىپ مەن چىقتىم سەپەرگە
ئۇ… ئۇنىتالمىدىم
ئۆچىرەلمىدىم
قايتىپ كەلگىن جىنىم
يېنىمغا يېنىمغا قايتىپ كەل
سەنسز بۇ ھاياتقا ئەسلا ھېچ كۆنەلمىدىم
ئۇنىتالمايمەن يار سېنى ئۇنىتالمايمەن
ئۆچۈرەلمەيمەن ئۇچۇرۇڭنى ئۆچىرەلمەن
بەزىدە ئويلايمەن كېچىپ ھەممىدىن
تۇنۇش شەھەر تۇنۇش جايدىن
ئالساممەن ئېغىر بىر قەدەم
ئۆچمەيمەن يۇلتۇزلار چېھرىدىن
بىلەمسە ساڭا چىدىمايمەن
سۆيگىمىزنى خارلىمايمەن
يەنە ھەركۈنى سېنى ساقلايمەن
ئەمما سەن كەلمەيسەن
ياشاپتىمەن ئارمانلار ئۈچۈن
مارجان كەبى گۈل دەستىلەپ
ئەسلىمە قالدى يىراقتا
سىردىشىم بۇلۇپ رەستىلەر
رىۋايەتلەر شۇ قوينىدىن
سېھىرلەنگەن چىغىر يوللىدىن
مۇھاببەتنىڭ شېرىن تەملىرى
ئۆچۈرۈلدى ھايات بېتىدىن
ئۇنىتالمىدىم
ئۆچىرەلمىدىم
قايتىپ كەلگىن جىنىم
يېنىمغا يېنىمغا قايتىپ كەل
سەنسز بۇ ھاياتقا ئەسلا ھېچ كۆنەلمىدىم
ئۇنىتالمايمەن يار سېنى ئۇنىتالمايمەن
ئۆچۈرەلمەيمەن ئۇچۇرۇڭنى ئۆچىرەلمەن
