چىمەن ئىچىدە
ئۈنچە مارجان چېچىلدى
چېچىلىشنى كىم بىلدى
شۇنچە ۋاقتىن بىرگە ئويناپ
ئايرىلىشنى كىم بىلدى
بوينۇڭدىكى مارجاننى
قايدىن ئالدىڭ بىلمىدىم
سەن كەلمىگەن تۈنلەدە
ئويغا پاتتىم كۈلمىدىم
بوينۇڭدىكى مارجانىڭ
گۈلشاخىغا ئىلىندى
كۈتكەنىمدە كەلمىدىڭ
يالغۇزلۇغۇم بىلىندى