
دوست خىنىم
ئۇستاز ئابدۇكىرەم زەيدىن باش ئىجىراسىدا بىر يۇرۇش ئاتۇش خەلق ناخشىسى
مىڭدىن بىرىنى ئىيتسام
تۇگىمەيدۇ مىنىڭ دەردىم
ئايرىلىپ كىتەي دىسەم
ئۇزۇلمەيدۇ كۆڭۇل رىشتى
دوست خىنىم ئامان
يار دەرت ئەلەملەر يامان
چوڭ ئاشناجان
ئۆستەڭ بويىغا چىقسام
ۋاي ئاشناجان
سۇلا سۇزۇلۇپ قاپتۇ
ئالمىنىڭ چىچەگىدەڭ
ۋاي ئاشناجان
مەڭزىڭ قىزارىپ قاپتۇ
ئالمىنىڭ چىچەگىدەڭ ئاشناجان
مەڭزىڭ قىزارىپ ۋاي قاپتۇ
كىچىك ئاشناجان
بۇغدىيىڭنى يۇيۇپسەن ۋاي ئاشناجان
ئاپتاپتا قۇرۇتتۇڭمۇ
مەن سىنى ئۇنۇتمۇدۇم ئاشناجان
سەن مىنى ئۇنۇتتۇڭمۇ
ئوينىغاننىڭ دىغى شۇ ئاشناجان
ۋەدىسى يالغان ھىلىمان سۇ
مۇساپىر ناخشىسى
ئەجەپ بولدۇم ئەجەپ بولدۇم
ئەجەپ بولغانغا يىغلايمەن
ئەجەپ بولغانغا يىغلايمەن
ئاتام تۇرۇپ ئانام تۇرۇپ
غىرىپ بولغانغا يىغلايمەن
غىرىپ بولغانغا يىغلايمەن