作词 : Mutallip Ahat
作曲 : Mutallip Ahat
تاڭدا قۇشلار سايرىسا بۇنى سىز دەيمەن
قۇياش پارلاپ نۇرىنى چاچسا بۇنى سىز دەيمەن
گۈل چىمەنلەر خۇش ھىدى كەلسە سىزنى كەپتۇ دەيمەن
يەنە يەنە يەنە سىز دەيمەن
سىزنى كۈيلىرىمدىن ئىزدەيمەن
مىھرىڭىزنى گويا ئوت دەيمەن
چىھرىڭىزنى گويا ئاي دەيمەن
كۈلكىڭىزنى ئوخشىتىپ بالغا
ماڭا بىر رەت باقسىكەن دەيمەن