
ئاق پىيازنىڭ پوستىمىن ۋاي پوستىمەن
كۆك پىيازنىڭ پوستىمىن ۋاي دادەي
تاغ ئارقىسى لەڭگەردىن ۋاۋي لەڭگەردىن
ئۇز خېنىمنىڭ دوستىمەن ۋاي دادەي
جېنىم جېنىم جانلار ۋاي ۋاي شېرىن جانلار
ئەجەب كۆيدى بۇ جانلار
كۆيدەدى نادان يالار
تۇتتارنى چېلىپ چېلىپ ۋاي چېلىپ چېلىپ
كات ئۈستىگە ئېلىپ قويدۇم ۋاۋي دادەي
يارنىڭ شېرىن سۆزىنى ۋاي سۆزىنى
يۈرەگىمگە سېلىپ قويدۇم ۋاي دادەي
جېنىم جېنىم جانلار ۋاي ۋاي شېرىن جانلار
ئەجەب كۆيدى بۇ جانلار
كۆيدەدى نادان يالار
قوغونلىققا كىرەيمۇ ۋاي كىرەيمۇ
ئاق ناۋاتنى ئۈزەيمۇ ۋاي ئۈزەيمۇ
كۆيەك ئۆتىنى تارتىپ ۋاي تارتىپ
يار دەردىدە ئۆلەيمۇ ۋاي دادەي
جېنىم جېنىم جانلار ۋاي ۋاي شېرىن جانلار
ئەجەب كۆيدى بۇ جانلار
كۆيدەدى نادان يالار