作词 : Azmat ahmat taran
作曲 : Azmat ahmat taran/GAGA
گۈلچىمەن
گۈلچىمەن گۈلزار چىمەن ،
گۈللەرگە جۆر ھۆسنار چىمەن
سايرىتىپ بۇلبۇلنى مۇڭ
قىلغان ھەجەپ خوش ھال چىمەن
بىر گۈلۈم بولساڭ ئەگەر
باغرىمدا ياشناپ ئاينىغان
يۇق ئىدى باشقا ئۈمۈد
ئىشقىڭدا مەن زوقيارچىمەن
نە كېرەك ئۈزگە ماڭا
تۇرساڭ گۈزەللىك بابىدا
كۆكتە شاد پارلاپ قۇياش
قۇينۇڭدا نۇرچاچقان چىمەن
يار بولايلى خالىساڭ
قەلبىڭنى بەر قەلبىم بېرەي
باغرىنى ئىللىق باھاردەك
ماڭا كەڭ ئاچقان چىمەن